ئۇچۇر تورى ھەققىدە
ئۇچۇر تورى ئۇلىنىش تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئۆي-مۈلۈك، خىزمەت، نىمكەش ماشىنا، نىمكەش بۇيۇملار، تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىدىغان تور بېكەت. ئۇچۇر تورىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىدىغان ئۇچۇرلار سانى 3000 دىن ئاشىدۇ، چوڭ شەھەرلەردىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ %60 تى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق سودىلىشىدۇ. يىلدا 20 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئادەم تولۇقلايدۇ. شىركىتىمىز ئۇچۇر تورىنى خەلىققە، تورداشلارغا تېخىمۇ يېقىن قىلىش ئۈچۈن مەزكور ئەپ دېتالىنى ئىشلەپ چىقتى (ئايفون ئەپ دېتالى 2013-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان App store دىن نۇر دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ)، تورداشلار بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۇچۇر تورىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش، ئىجدىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىغا ھەمبەھىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.
بۇ نەشىردىكى يېڭىلىقلار
  • تۈۋەن نەشىرىدىكى ئاندىرويىد يانفونلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نورمال چىقىدۇ
  • ئۇچۇر تورىغا يوللانغان ھەرقانداق ئۇچۇر بۇ ئەپ دېتالغا تەڭ ۋاقىتتا چىقىدۇ
  • ھەر كۈنى مىڭلىغان ئۇچۇرلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ
  • ئۇچۇلارنى مىكروبلوگ ۋە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ
  • ئۇچۇرلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ رايۇنلار بۇيىچە ئىنچىكە كۆرگىلى بولىدۇ
  • ئۈندىداردىكى سىكاننىرلاش يەنى ( 扫一扫 ) ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسىغا ئىرشەلەيسىز